Тёмный

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئۈمىت مۇسابايوفقا قويۇلغان 11 سۇئال ھەققىدە سۆھبەت 

Urxun Tarim
Подписаться 910
Просмотров 1,1 тыс.
50% 1

ۈمىت مۇسابايۇفقا ئۇچۇق خەت ۋە بىر قانچە سۇئاللار
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزنىڭ مىللەت ئالددىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتىنى تۇنىيدىغان ۋە ھىساب بىردىغان بىر ئاڭ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كىمكى ئۈزىنىڭ مىللىتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىدىن ئۈزىنى قاچۇردىكەن ھامان بىر كۈنى ۋىجدان ئازابى چىكىدۇ. خاتىرەمدىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۈمىت مۇسابايۇف. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تور دۇنياسىدىكى جىددى شەكىلدىكى تالاش تارتىشلارغا ئۈزىڭىزنىڭ كۈزەتكەن نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ خۇلاسە چىقىرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كىلىۋاتىسىز. مەنمۇ سىزنىڭ سۆھبەتلىرىڭىزنى قىزىقىپ كۈرۋاتقان بىرسى بۇلاش سۈپتىم ھەرقېتىملىق سۆھبەتلىرىڭىزنى كۈرۋېتىپ نۇرغۇن سۇئاللار كاللامغا كىلىدۇ.
سىز ئىككى يىل شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبىلىق ۋەزىپىسنى ئۈتەش جەريانىدا سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم پائالىيەت ۋە ھەركەتلەر، شۇنداقلا ئوڭچىلارنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىز ۋە بۇنىڭ كىيىنكى قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كۈزتىپ كىلىۋاتقان بىرىمەن. سىزنى بۇلتۇر گوللاندىيەدە ئېچىلغان شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيغا كىلىدىكەن دىگەندە ، مەن يۇقارقى ئەھۋاللار ھەققىدە سىز بىلەن بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بۇ ھەقتە شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيغا بىر نەزەر دەپ بى تەرەپسىز ھالدا مۇستەقىل كۈزەتكۈچى سۈپتىدە بىرەر نەق مەيدان سۆھبەت ياكى بىر يازما يېزىشنى ئۇيلاشقان ئىدىم. ھەم بۇ ھەقتكى پىكىرىمنى شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى ئەزالىرىغىمۇ يەتكۈزگەن ئىدىم. گوللاندىيەدىكى يىغىنغا كىلەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىز بىلەن تەپسىلى سۆھبەت قىلىش ئىمكانىيتى بولمىدى.
بىز غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاپ مۇشۇ دۆلەتنىڭ مائارىپىدا ئوقۇپ خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۇق ۋە ھىس قىلدۇق. غەرب جەمىيتىدە ھەربىر ئادەم ئۈزى قىلىۋاتقان خىزمىتىدە ئۇ مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتى ئاساسىدا ئۈزىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيتىدىن جاۋابكار بۇلۇپ خەلقىگە ياكى باشلىقىغا ئۆز خىزمىتىدىن جاۋاب بىردىغان بىر ئاڭ يىتىلگەن ئىكەن. ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردىچۇ؟ شەرقى تۈركىستان، ئۇيغۇر دىگەن ئىسىملارنى قوللىنىپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ، ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىۋاتىمىز دىگەن تەشكىلات رەھبەرلىردىن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىدىن خەلىققە جاۋاب بىردىغان بىر ئەھۋالنى ھازىرغىچە كۆرمىدۇق. ھەم بۇنداق ئىشلاردىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت يازما شەكىلدە ياكى ۋېدىيو شەكىلدە چىقىرىپلا قۇيىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە سۇئال سورىغىلى بولمايدۇ. سۇئال سورىساق كەيدۈردىغان قالپاق تەييار. مەن ھازىرغىچە ئۈزەم بى تەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ ئۈزەم ياشىغان ۋە شاھىت بولغان ئىشلار ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەتىدىكى بىر تەرەپمىلىك، ساختىلىق، بىيۇكىراتلىق ئىشلاردا تەنقىدى يازمىلارنى يېزىپ مۇناسىۋەتلىك شەخىسنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتاپ ئۇچۇق شەكىلدە سۇئاللارنى سوراپ ئۇلاردنىڭ جاۋاب بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ بىر قانچە يازمىلارنى ئېلان قىلدىم. بۇ ئارقىلىق خەلىقنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەسلىسدە سەگەك تۇرۇشغا، كۈزىتىپ پىكىر قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى ئانالىز قىلىشغا سەۋەب بۇلۇپ قالسام بۇمۇ مىللىتىم ئالدىدىكى بىر مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلغان بۇلدىكەنمەن دىگەن ئاڭ ئاساسىدا يېزىپ كىلىۋاتىمەن. ھازىرغىچە ئەركىن ئالىپتېكىن، دولقۇن ئەيسا، ئۈمەر قانات، پەرھات يۇرۇڭقاش، ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن سىدىق، رۇشەن ئابباس، ئابلىكىم ئىدىرىس، ئاتاۋۇللاھ شاھيار قاتارلىقلارغا ئۈزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى دائىرسىدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇق خەت ۋە سۇئاللارنى يېزىپ ئېلان قىلغان بولساممۇ پەقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئاكىمىزدىنلا سۇرىغان سۇئاللارغا تەپسىلى جاۋاب بەردى. ئەمما قايىل قىلارلىق ئەمەس، ئەسلى سۇئالدىن چەتنەپ كىتىگلىك. نىملا بولسۇن جاۋاب بەرگىنىگە رەھمەت. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى سىز كۆپ تەكىتلەيدىغان «تاشپاقا » تاكتىكىسنى ئىشلىتىپ جىملا تۇرۋېلىپ جىم تۇرۋالسام نىمە قىلالايتىڭ دەپلا ئۆتكۈزۋەتتى. ئەمما ئۇلار جاۋابسىز قالدۇرغان بۇ سۇئاللار تارىخنىڭ بېتىگە پۈتۈلگەنلىكنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ سۇئاللارغا قانچىلىك دىققەت قىلۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار يازان يازمىلارنى داۋاملىق ئوقۇپ ئانالىز قىلىدۇ ۋە بەزىلىرى مەن بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. مەن ئۇلارغا ئەگەر مىنىڭ بۇ يازغانلىرىمغا باشقىچە قاراشتا بولساڭ شۇلارنىڭ ئۈزىدىن بىۋاستە سورىساڭ بۇلىدۇ-دەپ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر بىلەن بۇ ھەقتە كۈرشىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بىز ئەسلىدە شەرقى تۈركىستان، ئۇيغۇر نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن دىگەنلەرنىمۇ كۈزىتىش ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئادىل باھا بىرىپ، ياخشى قىلۋاتقانلارنى قوللاش، ئەمما ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىرىنى، مىللەتنى پارچىلاۋاتقانلارنى تەنقىد قىلىپ ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن مىللەتكە جاۋاب بىرىشكە قىستاش ئارقىلىق خەلىقىمىزنىڭمۇ ھۇشيار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيشىمىز كېرەك ئىدى. داۋامىنى تور بەتتىن ئۇقۇڭ ۋە تارقىتىپ قۇيۇڭ.
/abdurehimgheni.com/umut-musab...

Опубликовано:

 

17 фев 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии : 1   
@abliztohti6580
@abliztohti6580 5 месяцев назад
Nahayeti kimmatlik oquk piroggiram boldi 👍👋🤝Kalkimizga nurgun masillilar pakitlik yorutup berildi ,burunkidakla adalat, hakkaniyat tuygusi bar zor kopqilik halkimiz selardak jasaratlik,otkur , uglanlarni har wakit kollaydu ,bir yolda mangidu 🤝✊
Далее
МАРИЯ ГОЛУБКИНА О БАБУШКЕ #shorts
00:43