ئايال دېمەك، ھاياتلىق دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلىك رولىنى ئۆتىگۈچى ئانىلىق سالاھىيتىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئايال دېمەك، ھۇزۇر دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇ دۇنيا نىمەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۈپىتىدە بېرىلگەن ئىنئامدۇر. ئايال دېمەك، ئىستىقبال دېمەكتۇر، چۈنكى ئۇ كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولىدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرگۈچى مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلغۇچىلاردۇر. ئايال دېمەك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ماكانى ئائىلە، ھاياتلىق سەھنىسى جەمئىيەت دېمەكتۇر.
ئاياللار ۋە جەمئىيەت بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان مۇناسىۋەتلەردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئايالسىز جەمئىيەت، جەمئىيەتسىز ئايال بولمايدۇ. بىز دەۋاتقان جەمئىيەتنىڭ يېرىمى ئاياللاردىن قالغان يېرىمى ئەرلەردىن تۈزۈلدى دېسەك ئەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ قاتارغا قوشىدىغىنى يەنى جەمئىيەتنىڭ قالغان يېرىمىنى تۈزەيدىغان ياكى بۇزىدىغى يەنە شۇ ئاياللار بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى تۈزۈلۈشى كۆپىنچە ئاياللارغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ھازىر بىز توختالماقچى بولغان بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ باقساق ئىسلام ئۈممىتى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر خەلقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللارغا جەمئىيەتنىڭ قانداق ئورۇن بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەت ئاياللارغا تېگىشلىك ئورنىنى بەردىمۇ ياكى دىن نامى بىلەن ئاياللارنى جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتىن توسۇپ قالدىمۇ؟ ۋەياكى ئاياللارنىڭ .جەمئىيەتتىكى رولىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنمۇ؟ دىگەن نۇقتىلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلمىز
يېڭى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز دىققىتىڭىز ئېكرانىمىزدا بولسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى
#ئىسلام
#ئىسلام_دىنى
#دىن
#قۇرئان
#قۇرئان_كەرىم
#ھەدىس
#سۈننەت
#پەتىۋا
#پەتىۋالار
#رامىزان
#ئىلىميار
#ئەخلاق
#ئايال
#قىزلار
#سالىھە
#ياشلار
#قەلب
#پاكلاش
#ئىبادەت
#روزا
#ئۇيغۇر
#دەۋەت
#ئىسلام_ئەخلاقى
#خۇلۇق
#مەشھۇر_شەخىسلەر
#تەزكىيەتۇل_قۇلۇب
#كىشىلىك_مۇناسىۋەت
#ياشلاردا_ئىسلاھات
#تەبلىغ
#دەۋەت
#ۋەز_نەسىھەت
#نەسىھەت
#تەۋسىيە
#ئىسلام
#قەدىر_كېچىسى
#ئىمام_غەزالىي_نەسىھەتلىرى
#نىئمەت
#ھېكمەت
#سەدىقە
#ilimyar
#ilimyar_yaxlar
#ramazan
#uyghur
#islam
#ilimyar
#islam_ahlaqi
#ahlak
#kadirgecesi
14 окт 2024