Тёмный

ئويغانغان زېمىن 1 .قىسىم (ئاۋازلىق ئەسەر) 

ئاۋازلىق ئەسەر Awazliq Eser
Подписаться 2,4 тыс.
Просмотров 4,1 тыс.
50% 1

بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ مۇۋاڧڧەقىيەتلىك رومانلارنىڭ بىرى بولمىش ئىككى قىسىمدىن تەركىب تابقان ئويغانغان زېمىن رومانىنىڭ مۇئەللىڧى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولۇپ، بىرنچى نەشرى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرەڧىدىن نەشر قىلىنغان
رومان ھەققىدە
بۇ تارىخىي رومان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىل 10-ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 20-يىللارنىڭ ئاخىرى، 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى مۇرەككەپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، 30-يىللارنىڭ باشلىرىدا پارتىلىغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلاش سەۋەبى، قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەر تارىخىي ئاساستا چىنلىق بىلەن بايان قىلىنغان. شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئون نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، خەلقنىڭ قېنىنى ئىچكەن ياڭ زېڭشىن 1928-يىلى قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار پەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقى زالىم، مۇستەبىت جىڭ شۇرېننىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئۇ، خەلق ئۈستىدىكى ئالۋان-سېلىقنى، زۇلۇم-زورلۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتكەچكە، زۇلۇمغا چىدىمىغان قۇمۇل خەلقى 1931-يىلى خوجانىياز ھاجى، سالى دورغاقاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن چېرىكلەرنى ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ قىلىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، تۇرپان، توقسۇن قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ پارتىلايدۇ. خەلق قۇزغىلىڭىنىڭ كۈچىدىن چۆچىگەن جىن شۇرېن بىر تەرەپتىن ھەربىي ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجىلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئاخىرى سۇلھى تۈزۈلۈپ قوزغىلاڭ ۋاقىتلىق پەسكويغا چۈشىدۇ. يازغۇچى رومانىدا مانا مۇشۇ تارىخىي رېئاللىقنى يۈكسەك بەدىئىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئاشۇ مۇرەككەپ تارىخنى ئەدەبىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن.
تارىخى ۋەقەلەر تېما قىلىنغان رومانلاردا ، شۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن دەۋرنىڭ ماددى ھاياتى بىلەن بىر قاتاردا مەنىۋىي قىياپىتىنىمۇ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈش زۆرۈر بولغانلىقتىن ،شۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ تۇرمۇش ،ئۆرپ-ئادەت ،دۇنيا -قاراش ،پىكىر -ئىدىيە ،ئىقتاد ۋە سۆزلەش ئۇسۇللىرىنىمۇ چىنلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ ،روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخى دەۋردە رايوندىكى بەئزى يەر ۋە مىللەتلەرنىڭ نامى بۈگۈنكىدىن باشقىچە ئاتىلاتتى ،مەسىلەن ،ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى «ئالتىشەھەر» دەپ ئاتالسا ،بۇگۈنكى ئۇيغۇرلارنى «چەنتو »، خەنزۇلارنى «خىتاي» ،خۇيزۇلارنى «تۇڭگان»، موڭغۇللارنى «قالماق»دەپ ئاتاش ئادەت ئىدى .بىر قىسىم كىشلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىدا بولمىغانلارنى «كاپىر»دەپ ئاتاشمۇ بار ئىدى .بۇ روماندا ئەنە شۇنداق ئادەت خارەكتىرلىك ئاتاش ئەينەن ئېلىنغان ،جۈملىدىن بەئزى سەلبىي ئوبرازلارنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاتا كۆز-قاراش ۋە پىكىر مۇلاھىزىلىرىمۇ تارىخى نۇقتىدىن ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .
تارىخى رومان ئويغانغان زېمىننىڭ نەشىردىن چىققان بىرىنچى قىسىمى تۆتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن[2].
ئويغانغان زېمىن روماننىڭ ئىككىنچى قىسمى 1994- يىلى نەشردىن چىققان[3].
رومان ئەسلىدە ئۈچ قىسىم يېزىش پىلانغان بولۇپ، 2- قىسمى يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىڧنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمەي ئۈچۈنچى قىسمى نەشردىن چىقمىغان.
بەئزى يازغۇچى ئەدىبلەر مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئانا يۇرت رومانىنى ئويغانغان زېمىن رومانىنىڭ دەۋامى دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىتاپ، رومان، پوۋسىت، ھىكايە، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يۇتۇب قانىلىمىزغا يوللىنىدۇ
#ئۇيغۇر
#ئاۋازلىق_ئەسەر
#ئۇيغۇرتىلى
#ئۇيغۇرچە
#ئۇيغۇرچە_كىتاپ
#ئۇيغۇرچە_رومان
#نادىريازما
#نادىرئەسەرلەر
#awazliq_eser
#ئاۋازلىق
#ئاۋازلىق_ئەسەر
#كىتاپ
#مۇھەببەت
#سۆيگۇ
#uygurçesözler
#uygurtürkü
#uygurtürkleri
#uygurçe
#uyghur
#uyghurqesozler
#hikmet
‏#uygur
#uygurtürkleri
RU-vid: / @awazliqeser1928
Instagram: / awazliq.eser
Facebook: / awazlik.eser.14

Опубликовано:

 

9 ноя 2020

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
The Trump rally shooting from a photographer's POV
00:58