Тёмный

ئىدىقۇت يۇلتۇزى تارىخى رومان 1 .قىسىم 

ئاۋازلىق ئەسەر Awazliq Eser
Подписаться 2,4 тыс.
Просмотров 602
50% 1

خارازىم ئۇرۇشىدىن كېيىن ، چىڭگىزخان ئىدىقۇت ئۇيغۇر قوشۇنىنىمۇ ئىنتىزامى ئىنتايىن چىڭ ، باتۇر قوشۇن ئىكەن دەپ قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەپسۇسكى ، ئىدىقۇت خانلىقى توغرىسىدىكى يازما ، يادىكارلىقلار كەمچىل ماتېرىيال كۆپ ئەمەس. ئېلىمىز ۋە چەتەل ئالىملىرىدىن بۇ خانلىقنىڭ تارىخنى تەتقىق قىلغانلارمۇ ساناقلىق ، شۇڭا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ قىسلىقى قەلىمىمنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى چەكلەپ تۇردى .
شۇنداقتىمۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن يول ئېچىپ مېڭىشقا تىرىشتىم . يازغانلىرىمدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇئەييەن تارىخ بۆلۈمىگە ئىگە بولۇشنى ئىستەيمەن . شۇڭا ئارتۇقچە توقۇلمىلار بىلەن بايانلىرىمنى پەردازلاپ ، تارىخىي چىنلىقنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويۇشنى خالىمىدىم . نېمە بولسا شۇنى يازدىم ، پەقەت تارىخىي چىنلىقنى يورۇتۇپ بېرىشكە ياردىمى بولىدىغان توقۇلمىلارغىلا چەكلىك دائىرىدە يول قويدۇم ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مول ماتېرىيال ئاساسىغا ئىگە بولغان چىڭگىزخاننىڭ شەخسى تۇرمۇشى ۋە موڭغۇل ئوردىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئىمكانقەدەر ئەينەن ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتىم.
كىشىلىك دۇنيادا رېئاللىق ۋە چىنلىق ئۆزگەرمەس پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭغا قارىتىلغان باھالار ۋە كۆز قاراشلار ھەر خىل بولىدۇ ، ھەممە ئادەمنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە باھالىرى بىردەك بولىدىغان شېرىن چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئوخشاشمايدىغان كۆز قاراشلار خۇددى باغدىكى رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئوخشاش ، كۆكلەپ ئېچىلىپ ، ئۆز رەڭگىنى ۋە ئۆز ھالىتىنى نامايەن قىلىش كېرەك. بۇ ئىنسانلارنىڭ ھايات مەنتىقىگە ئۇيغۇن ، قەلەمكەش كۈندۈزدىكى قۇياشنىمۇ ھەم كىچىدىكى يۇلتۇزلارنىمۇ ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك . بۇنى قانداق چۈشىنىش ۋە بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىش ھەر بىر ئاڭىغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر.
……………………………………………
ئىدىقۇت يۇلتۇزى
ئاپتۇر ى :پەرھات جىلان
خەلق نەشرىياتى.
2008-يىل 7-ئاي 1-نەشرى
2008-يىل 7-ئاي 1- بېسىلىشى
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىتاپ، رومان، پوۋسىت، ھىكايە، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يۇتۇب قانىلىمىزغا يوللىنىدۇ
#ئۇيغۇر
#ئاۋازلىق_ئەسەر
#ئۇيغۇرتىلى
#ئۇيغۇرچە
#ئۇيغۇرچە_كىتاپ
#ئۇيغۇرچە_رومان
#نادىريازما
#نادىرئەسەرلەر
#awazliq_eser
#ئاۋازلىق
#ئاۋازلىق_ئەسەر
#كىتاپ
#مۇھەببەت
#سۆيگۇ
#uygurçesözler
#uygurtürkü
#uygurtürkleri
#uygurçe
#uyghur
#uyghurqesozler
#hikmet
‏#uygur
#uygurtürkleri
RU-vid: / @awazliqeser
Instagram: / awazlik.eser
Facebook: / awazlik.eser.uyghurqe
Telegram: t.me/awazliq_eser

Опубликовано:

 

3 окт 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
Pointers in C / C++ [Full Course]
3:47:23
Просмотров 3,9 млн
کتاب ممنوعه نبرد دین با علم
3:50:08