كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئىبارەت بۇ نىجىس ئىللەت خەلقئارادا ئەۋجىگە چىقىپ، ئىزچىل تۈردە زەھەرلىك چېكىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ ماڭماقتا. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيىدە ئاق ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئاق ئىستېمال قىلغۇچى ئۈچ ياكى تۆت يۈز ئادەمگە يۇقتۇرغان؛ دېمەك بۇ نىجىس ئىللەت جەمئىيەتكە سەل بولۇپ ئېقىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇ نىجىس ئىللەتنىڭ تەسىرىگە شىددەت بىلەن يولۇقماقتا. شۇڭلاشقا، بىزمۇ بىر ئۇيغۇر ئوغلانى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىشچە كۈچ چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك ئورنىمىزنى بولسىمۇ تولدۇرۇشقا تىرىشتۇق. ئەلۋەتتە بۇ يېتەرلىك ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، كۆرۈمەنلەردىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بېرىشىنى، ئائىلىسىدە تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ بالىلىرىنى بۇ نىجىس ئىللەتتىن قوغداپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ياش ئوغۇل-قىزلاردىن ئەتراپىنى دىققەت بىلەن ياخشى تاللاپ، كېيىنكى تۇرمۇشى ۋە ئەۋلادلىرىغا ساغلام بىر مۇھىت يارىتىپ بېرىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز. شۇ ۋەجىدىن بىز بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىپ بۇ قىسقا فىلىمنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن، تەسىر كۈچىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرۈمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. ئەلۋەتتە كەمچىللىك ۋە نۇقساندىن خالىي ئەمەس، كۆرۈمەنلەردىن بىزدىن كەمچىللىك ئۆتكەن بولسا ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز.
بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىن بولغان مەقسىدىمىز، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكەردىن يىراق تۇرىشىغا، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۆرنەك بولۇشتۇر.
26 сен 2024