جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگىمۇ سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن! ھازىرقى شارائىتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەتەنگە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ بېرىشى، ئۇلار ئاددىي ئويلاپ قالغان بولسۇن ياكى بۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىپ شۇنداق قىلغان بولسۇن، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە: «خىتتايلار زۇلۇم سالمايۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ» دېگەندەك چۈشەنچە بېرىدىغانلىقى، «تاجاۋۇزچى خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاقشاۋاتقان مىللىتىمىزنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باھانىسىدا غەرب ئەللىرىگە سىغىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى شۇنداقلا جان ۋە مېلىنى ھالاكەتكە تاشلاش، خىتتايغا ئۆزىنى خار قىلىش، ئۆزلىرىنى خىتتاي قوينىغا ئېتىش، دۈشمەنگە ۋە زالىمغا خىزمەت قىلىشقا، ئۇلار ئۈچۈن جاسۇس بولۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى سېتىشقا قاراپ قەدەم ئېلىش كەبى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مىللىتىمىزگە زىيانلىق تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇ كەبائىر (ئېغىر دەرىجىدىكى ھارام قىلمىش) بولۇپ، ئاللاھقا، رەسۇلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، جىمى مۇسۇلمانلارغا ۋە ۋەتەنگە خىيانەتتۇر.
ھەقتائالا مۇئمىنلەرنى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار!﴾(8/«ئەنفال»: 27) دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭ: ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ، ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ» دېگەن(«سەھىھەين»).
خىيانەتنىڭ تۈرلىرى، شەكىللىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە مايىل بولۇش، ئۇلارغا ئىشىنىش ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى مات قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنگە، مىللەتكە خىيانەت قىلىشمۇ خىيانەتنىڭ ئەڭ قەبىھ شەكلى بولغىنىدەك، ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن چەك ئايرىماسلىق مەئسىيىتىمۇ ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا خىيانەت بولىدۇ. ۋەتەندىن ئىبارەت ئامانەتكە خىيانەت قىلىشمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغىنىدەك، نىفاقنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. ئامانەتنى زايە قىلىپ، خىيانەتكە رازى بولغان كىشىدە دىيانەتتىن ئەسەر قالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشقا سەل قاراپ قەدەم ئالغانلار دەرھال ھوشىنى يىغىپ تەۋبە قىلىشى كېرەك.
بۇ خىيانەتكە ئاتا - ئانا ۋە بالىچاقىنى كۆرۈۋېلىش ۋە ئەكىلىۋېلىش ياكى مال - مۈلكنى ئەكىلىۋېلىشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر باھانە بولالمايدۇ. چۈنكى، خىتتاي ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرنى قارشى ئېلىپ: «خۇش كەپسىز! مانا تۇغقانلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، مال - مۈلكىڭىزنى ئېلىپ سالامەت قايتىپ كېتىڭ» دەپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويمايدۇ. ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ ئەھۋال ھەممىمىزنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ ۋە خىتتايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىكتەك مەرەز زېھنىيەتنىڭ ھەرقانچە «ئەركىن دۇنيا» دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرگە خاتىرجەم بېرىۋالغانلاردىمۇ ئاسانلىقچە يوقىمايدىغانلىقتەك ئاچچىق ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنى يامان نىيەتلىكلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، خىيانەتكارلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىغاي! ئۇ زات ھەممىگە قادىردۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurki...
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=...
14 окт 2024