Тёмный
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Подписаться
قانىلىمىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېتىقاد، شەرىئەت ۋە ئەخلاق جەھەتلەردىكى ھەرخىل مەسىلىلەرگە پەتىۋا بېرىش، بولۇپمۇ قەدىمدە مەۋجۇت بولمىغان، ئەمما دەۋرىمىزدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى - يېڭى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، پەتىۋا يۆنىلىشىنى ئەسلىدىكى ئىخچام جاۋابلاش ھالىتىدىن ئىلمىي ئىزاھلاش ھالىتىگە كۆتۈرۈش ۋە بېرىلگەن پەتىۋالارنى «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»نى مەنبە قىلىپ ئاۋازلىق ياكى سىنلىق شەكىلدە تارقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
سوئاللىرىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە ياكى ئىلخەت شەكلىدە بىزگە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ئىلخەت ئادرىسىمىز: voice.uy@gmail.com

Qanilimiz uyghur musulmanliri nöwette duch kéliwatqan étiqad, sheri'et we exlaq jehetlerdiki herxil mesililerge petiwa bérish, bolupmu qedimde mewjut bolmighan, emma dewrimizde yéngidin otturigha chiqiwatqan yéngi - yéngi mesililerge jawab bérish, petiwa yönilishini eslidiki ixcham jawablash halitidin ilmiy izahlash halitige kötürüshni meqset qilidu.
élxet adrési: voice.uy@gmail.com
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
21 час назад
ۋەسىلە قىلىش ھەققىدە
12:38
14 дней назад
Комментарии
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah Час назад
sajiya.biz/?p=2237
@intilixintilix8235
@intilixintilix8235 16 часов назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز ،رەھمەت
@kotak6371
@kotak6371 3 дня назад
محمد رسول‌الله والدزنا ابن والدزنا محمد رسول‌الله قحبه ابن قحبه محمد رسول‌الله قحبه ابن والدزنا
@Değerli_vakitler
@Değerli_vakitler 5 дней назад
Kokrek perde yallugi kaysi kisellerdin opke kiselimu
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 5 дней назад
كۆكرەك پەردە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتىدە «زاتىل جەنبە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھەر سەۋەبلەر تەسىرىدىن كۆكرەكنىڭ ئەزا قەۋىتى بىلەن دىۋار قەۋىتى پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش يۆتىلىش نەپەس قىيىنلىشىش تومۇرى ھەرەچىشىسىمان سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.
@MohammadCharc
@MohammadCharc 5 дней назад
‌‌
@kurbancanoguz6342
@kurbancanoguz6342 5 дней назад
ماشا ئاللاھ ناھايتى ياخشى پەتىۋا بوپتۇ ، مىللەت ئويغۇنىشى كىرەك ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئايرىشى كىرەك ، منى چاقمبغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن دەپ ياشاش توغرا ئەمەس. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپە ئەتىنىڭ ئالدىدا قويىشى كىرەك.
@rymkan04
@rymkan04 6 дней назад
ئۇندا باردىغانلارمۇ نە بۇنداق پەتۋاغا قارسۇن نە ئاللا ۋە رەسۇلنى تونۇسۇن . بىرۋاتقانلىنىڭ ھەممىسى يالاڭۋاشتاق شۈدە پاچاقلا .
@rymkan04
@rymkan04 6 дней назад
ئۇندا باردىغانلارمۇ نە بۇنداق پەتۋاغا قارسۇن نە ئاللا ۋە رەسۇلنى تونۇسۇن . بىرۋاتقانلىنىڭ ھەممىسى يالاڭۋاشتاق شۈدە پاچاقلا .
@kahramanozturk5073
@kahramanozturk5073 6 дней назад
videoda bixi uquk hutun kixla bakan hapommay uqurwatsagla boptikan
@payzullayusup1193
@payzullayusup1193 12 дней назад
ھارمىغايسىلەر
@abduganicantavlan7215
@abduganicantavlan7215 12 дней назад
👏👏👏
@payzullayusup1193
@payzullayusup1193 13 дней назад
👍👍 ھارمىغايسىلە
@user-zo1hq7ke3w
@user-zo1hq7ke3w 27 дней назад
Allah razi : bolsun kirindişim.
@fatmaabbas7416
@fatmaabbas7416 28 дней назад
ئاللاھ بەك رازى بولسۇن ئۇستاز بەك تەپسىلى شەك قاممىغىدەك چۈشەندۇرۇپلا بەك خۇش بولدۇم
@user-cd4ko7tx1v
@user-cd4ko7tx1v 5 месяцев назад
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ! ئۇستاز بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمىساممۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنىڭ نەقەدەرقورقۇنچلۇق ۋە جىددى ئىكەنلىكىنى ئۇ زېمىندا بولۇۋاتقان ۋەقەلىك ئادەملەر ئۆلگەندىنمۇ ئىغر بولغان ئايەتتىكى (فىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يامان) دېيىلگندەك شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ فىتنە يەنى ئىرىقىي قىرغىنچىلىق بولاۋاتىدۇ . ئەھۋال بۇنداق ئىكەن شەرقىي تۈركىستانغا مەنسۇپ بولغان ھەرخىل تەشكىلات دەرنەكلەر ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ياكى شۇنداق قىلغاندەك كۆرۈنۈپ، خەلقنى ئالداۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە توغرىراق يولدا بولغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدا ئامرىكا مەجلىىسگە ئوچۇق خەت يازدى ،ئوچۇق خەت مەزمۇنىدىن سىلە ھەم خەۋەردار بولغان بولۇشلىرى مۇمكىن ،مەن بۇ ئوچۇق خەتنى كۆرگەندىن كىين بۇ خەتكە ئاۋاز قوشۇشنى ئىمانى بۇرجۇم دەپ بېلىپ ئۆزۈم تونۇيدىغان دەرنەكلەرگە تەۋە يېقىنلىرىمغا ئەۋەتتىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىمزا قويۇشىنى سورۇدۇم ،ماڭا ئىمزا قويمايدىغانلىقىنى «ئامرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا دىنغا خىلاپ بولدىغانلىقى» توغرىسىدا باھانە كۆرسىتىپ جاۋاپ قايتۇردى. ئۇستاز مەن ئاڭلىغان بىر دەۋەتتە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن مەدىنىدىن مەككىگە ئۆمۈر قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئېلىپ بارغاندا مەككىگە مۈشرىكلەر كىرگۈزمىگەن .3 كۈندەك مەككە سىرتىدا ساقلىغان پەيغەمبەر ئەلھىسسالام مەككە تەرەپتىن خۇلەيس ئىبنى ئەلقەمە دېگەن ئادەم كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ ،بۇ مۈشرىك قۇرەيشلىكلەرنىڭ ھەبەشىلىكلەر تەرپىدىن بولغان ئتپاقداشى ۋە ئۇ مۈشرىك ئادەم ئابىد يەنى مەككە ،ھەج دېگەن ئىشلارنى ياخشى بېلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ساھابىلەرگە ئۈچ كۈندىن بېرى يەم بېرىلمىگەن قۇربانلىق ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ماللارنى تۇرغۇزۇشنى ساھابىلەرگە بۇيرىغان ،چۈنكى ئۇ مۈشرىك قۇربانلىقنى ،ئۆمرىنى ناھايىتى ئۇلۇغلايدىغان مۇشرىك بولغانلىقىتىن ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ئۈچۈن .ئىبنى ئەلقەمە 3 كۈندىن بىرى بىرنەرسە يىمەي ئورۇقلاپ كەتكەن قۇربانلىق ئۈچۈن ئېلىپ كەگەن ماللارنى كۆرۈپ يېغلاپ كەتكەن ،قۇربانلىقلارنى ھەم مۇشۇنداق خارلامدۇ دەپ.بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مەقسىتى ھەم شۇ بولغان ،يەنى شۇ قۇربانلىق ماللارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسۈتۈش بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئۆمۈر ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئەمما توسۇلۇپ قالغىنىنى نامايەن قىلىش.سۆھبەت تۈگىگەندىن كىيىن مۈشرىك مەككىگە قايتىپ ،قۇرەيشكە تاپا تەنە قىلىپ سىلەر ئۆمرىگە كەلگەن ئادەملەرنى مەككىگە كىرگۈزمەي قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارغا زۇلۇم قىلىپ ئولتۇرۇپسىلەر ،ئەگەر بۇ ئىشلاردىن توختىمىساڭلار ،مەن سىلەر بىلەن ئالاقەمنى ئۈزىمەن دەپ ئۆز قەبىلىسىگە ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇندىن باشقىمۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىشتا قوللانغان نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، ئەمما خەلقىمىز جاھىللىقتىن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنىلا توغرا دەپ تۇرىۋېلىۋاتىدۇ، ئۆلىمالىرىمىز بولسا توغرىنى يەتكۈزۈپ بولالماي ئاۋارە، خىتاي ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقچىلىرى تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ ھارمايدىكەن، ئۇيغۇر تىللىق خائىنلارمۇ خەلقىمىزنىڭ سىياسىي ئېڭىنىڭ يوقلۇقىدىن، دىنىي ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئەمما ئىلىمسىزلىكىدىنپايدىلىنىدىكەن... دېمەك بۈگۈن ئامرىكا مەجىلىسەگە سۇنۇلىدىغان مەكتۈپكە ئىمزا قويۇش دىنىمىزدا راستىنلا چەكلەنگەنمۇ، ياكى دەك ئەكسىچە دىنىي، مىللىي بۇرچىمىزمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ساماندەك دەرنەكلىرىنىڭ ئامرىكا مەجىلىسەگە ياكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئۆز مەيداننى بىلدۇرۇپ ئەرز سۇنۇشى، ئىمزا توپلاپ، مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىقلارغا قانداق دەلىللەرنى كەلتۈرۈش مۇمكىن؟ بۇ ئىمزا پائالىيىتىگە سىلىنىڭ دەرنەكلىرىمۇ ئىمزا ئاتامدۇ؟ ئۆلىمالاربىرلىكى ئىمزا ئېتىشى كېرەكمۇ-ئەمەسمۇ؟ سىلىنىڭ ھەقنى سۆزلەشتىن قورقمايدىغان، ھېچكىمگە بېقىنمايدىغان گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن ئەمىن بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ سوئالنى ئاشكارە سوراشنى ۋە جاۋابىنىڭمۇ ھەممىگە ئوچۇق ھالەتتە بېرىلىشىنى خالىدىم، ئاللاھ ئىلىملىرىگە ۋە ئۆمۈرلىرىگە بەرىكەت بەرسۇن، رەھمەت.
@yosuf696
@yosuf696 5 месяцев назад
osumluk kariz alsa jazana kikgan bulamdu?
@horgulomer594
@horgulomer594 7 месяцев назад
ماشائاللاھ ئاللاھ رازى بولسۇن رەھمەت ئوستاز
@ahem4366
@ahem4366 10 месяцев назад
جزاك الله خيرا ❤
@lalelela6769
@lalelela6769 11 месяцев назад
سىلەرنىڭ يوللانغان ۋىدىيولار نېمىشقا نۇر مال قۇيۇلمايدۇ
@awudunabasi123
@awudunabasi123 11 месяцев назад
مەنچە بۇ ۋىدىئو ئەمەس پەقەت بىر سۈرەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئاۋاز بولىشى مۇمكىن
@horgulomer594
@horgulomer594 11 месяцев назад
❤❤❤
@lelet50
@lelet50 11 месяцев назад
ساق ۋاقتىدا ئىشڭىزغا سېلىڭ، ئاغرىپ قالسا ئاتا-ئانىسى داۋالاتسۇن. ئادالەتسىزلىكقۇ بۇ، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى شۇنداق تۆۋەنمۇ؟ بۇ يەردە دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇق ۋە ئورۇننى تەلەپ قىلدۇق؛ ئارتۇقچە بىر نەرسە تەلەپ قىلغىنىمىز يوق. بەزى ئەرلەر دىندا مانا مۇشۇنداق ئېنىق بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنىمۇ ئادا قىلماي قاچقۇسى كېلىدۇ…
@EastTurkistan
@EastTurkistan 11 месяцев назад
ئەر كىشى كېسەل ئايالىنى داۋالىتىشى، دورا، دوختۇر ۋە دوختۇرخانا ئۈچۈن كەتكەن چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەرنىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرمىسە، ئايالنىڭ ئاتىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ھەمكارلىشىپ خىراجەت قىلىدۇ. ئادەتتە، بەزى ئەرلەرنىڭ چىقىمىنى ئاتىلىرى قىلىپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئاتىلىرى جەمئىيەتتىكى يامان ئادەت تەسىرىدە كېلىنىنى داۋالاشقا ئۇنىمايدۇ. ئەر تەڭلىكتە چارىسىز قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، يا ئايالنىڭ ئاتىسى ياردەم قىلىپ داۋالىتىۋەتسە ياكى ئەر قەرز ئېلىپ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىۋەتسە بولىدۇ. ئەلبەتتە، زۆرۈر داۋالىنىش بىلەن ئارتۇقچە داۋالىنىشنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش لازىم. يۇقىرىدا ۋاجىب دەپ قارىغىنىمىز داۋالىنىش زۆرۈر بولغاندىكى ئەھۋالغا قارىتىلغاندۇر.
@intilixintilix8235
@intilixintilix8235 Год назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز ،رەھمەت.
@asmanur625
@asmanur625 Год назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز 🎉🎉🎉🎉🎉
@asyadeniz3723
@asyadeniz3723 Год назад
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن !
@gulnur2031
@gulnur2031 Год назад
ئاللا رازى بولسۇن
@user-dp9kt3bb3m
@user-dp9kt3bb3m Год назад
ئاللاھ رازى بولسۇن
@gulbehreminayet4294
@gulbehreminayet4294 Год назад
Bu gepni çong anam bek deytti . Emdi bilivaldim togrisini. Allah razi bolsun Ustaz . biz hedislerdin sehih bolmiganlarga ixinip yaki sözlep kalsak bidetke kirip kalgan bolimizmu ?
@gulbehreminayet4294
@gulbehreminayet4294 Год назад
Köp rehmet ustaz, Allah salamet kilsun . Bu petivada Allah hekkide men ve miningdek oylap kalganlar üqün oquk sözlep beripsiz. Xuni sorigum keldi Allah hekkide men kuran tercimiside ķöridu, anglaydu, bilidu digen cümlilerni okiganda tebi halda bizdek ama bizden uluk bir zat dep oylap kalimen . Allah hekkide peygamberimizge muxundak soriganlar barmu ? Yaki peygamberimizden hedisler barmu? Muxu hekte sözlep bersingiz ustaz
@abdullaavut6796
@abdullaavut6796 Год назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز
@anwaruyghur3223
@anwaruyghur3223 Год назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستازلاردىن،
@gulbehreminayet4294
@gulbehreminayet4294 Год назад
Allah salamet kilsun ustaz, dost buraderlerning ne kadar muhim ikenlikini bek tesirlik sözlepsiz , birge alim ulema ve mexhur kixiler hekkidiki tevsiyer hem nahayiti tesir kildi , Allah ömringizge beriket bersun ustaz
@gulbehreminayet4294
@gulbehreminayet4294 Год назад
harmigaysiz ustaz , Allah razi bolsun . nurgun bilgilerni öginivaldim. Allah salamet kilsun
@user-dp9kt3bb3m
@user-dp9kt3bb3m 2 года назад
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز مۇھىم بىر سۇئال بار ئىدى . ھازىر تۈركىيەدە ئۆي ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۆي ئىگىلىرى بۇرۇندىن تارتىپ ئولتۇرىۋاتقان قىرىنداشلارنى گەرچە ئىجارە توختامى بولۇپ ۋاقتى توشمىغان بولسىمۇ ، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆيدىن چىقىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز قىيىنچىلىقت قالدى . شۇڭا مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە يەنى ئۆي ئىگىسى توختام ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ئىجارە ئالغۇچىنى ئۆيدىن چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ ؟ ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ئۆينى ساتقان بولسا يىڭى ئىگىسىنىڭ ئىجارە ئالغۇچىنى چىقىرۋىتىشى يوللۇقمۇ ؟ توختام ۋاقتى توشماستا خالىغانچە ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرسە بولامدۇ ؟ مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا ، ئاللاھ رازى بولسۇن .
@ibrahimkalpin596
@ibrahimkalpin596 2 года назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز
@uyhgurohli7714
@uyhgurohli7714 2 года назад
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز،ئوقۇش ئۈچۈن كۆپ باللىق بۇلۇشنى خالىماسلىق گۇنامۇ
@abduganicantavlan7215
@abduganicantavlan7215 2 года назад
🌹🌹
@abduganicantavlan7215
@abduganicantavlan7215 2 года назад
ئاللاھ رازى بولسۇن سىلىدىن ئۇستاز
@user-bj6vq4jx1n
@user-bj6vq4jx1n 2 года назад
الله رازى بولسون كوب خوش بولدوم
@intilixintilix8235
@intilixintilix8235 2 года назад
ئۇستاز ئۆز تارىخىمىزنى كەڭ قېرىنداشلارغا بىلدۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ تارىخى رومان كىتاپلارنى ئاۋازلىق ئوقۇپ تارقىتىش تۇغرىمۇ؟
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
جائىز
@intilixintilix8235
@intilixintilix8235 2 года назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز
@bilalistemy3214
@bilalistemy3214 2 года назад
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ناجىيە تورىدا بالىنىڭ قۇلىغا ئەزان تەكبىر توۋلاپ ئىسىم قويۇشنى بىدئەت، ئەھلى دوزاخنىڭ ئىشى دېيىلىپتۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ كۆپچىلىك ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ھەسەننىڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن، ئەبۇ رافى رەزىيەللاھۇ: «فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تۇغقاندا مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەسەننىڭ قۇلىقىغا نامازغا توۋلىغاندەك ئەزان توۋلىغىنىنى كۆرگەن» دېگەن ئاجىز ھەدىس([1])كە ئاساسلىنىپ، بۇ تۈرلۈك ئاجىز ھەدىسكە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئەمەل قىلغان ۋە بالىنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر توۋلاشنى مۇستەھەپ دەپ قارىغان. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئەزان بىلەن تەكبىر بالا تۇغۇلۇپ بولۇشى بىلەنلا توۋلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: پەرزەنت دۇنياغا كېلىپ تۇنجى بولۇپ قۇلىقىغا كىرىدىغىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى سۆزلەر ۋە ئۇنىڭغا قارىتا شاھادەت ئېيتىش، ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەركانلىرىدىن بولغان نامازغا چاقىرىش بولسۇن ئۈچۈندۇر. بۇ ئەزاننىڭ بوۋاقنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. يەنە بىر پايدىسى شەيتاننى قوغلاشتۇر([2]). بۇ قاراشقا كۆرە، پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئەرلەردىن ياكى ئايال كىشىلەردىن بىرى بالىنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا نامازغا توۋلىغاندەك ئەزان توۋلاپ، سول قۇلىقىغا نامازغا چۈشۈرگەندەك تەكبىر چۈشۈرىدۇ. تۇغۇلغان چاغدا ئەزان توۋلىمىغان بولسا، يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويغاندا ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى ئاجىز دەپ قاراپ: «تۇغۇلغان بالىنىڭ قۇلىقىغا ئەزان - تەكبىر توۋلاش مۇستەھەپ بولمايدۇ» دېگەن. لېكىن، يۇقىرىقى ھەدىسكە قارايدىغان بولساق، ئەزان توۋلاش ھەدىستە كەلگەن، تەكبىر توۋلاش بولسا ئىنتايىن ئاجىز بىر ھەدىستە كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئەزان بىلەن كۇپايىلىنىش مۇۋاپىق. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ رافى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن، قىز - ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلغاندا قۇلىقىغا ئەزان توۋلاش سۈننەتتۇر. ئەزان ناماز ئەزىنىنىڭ سۆزلىرى بىلەن بولىدۇ»([3]). ئەزاننىڭ شەيتاننى قوغلاش ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى جەھەتتىن بوۋاققا ئەزان توۋلاشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بوۋاقنى شەيتاندىن قوغداش ۋە ئۇنى پاناھلاندۇرۇشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بوۋاق ئانىنىڭ قورسىقىدا تۆرىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى پاناھلاندۇرۇش باشلىنىپ كېتىدۇ. كۇرەيب ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىققەت! ئەگەر بىرىڭلار ئايالىغا يېقىنلاشقاندا: ›ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ! بىزنى شەيتاندىن، شەيتاننى بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پەرزەنتتىن يىراق قىلغىن‹ دەپ جىما قىلسا، كېيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاشۇ بىرگە بولۇشىدا پەرزەنت پۈتۈلگەن بولسا، شەيتان ئۇنىڭغا ئۆمۈرۋايەت زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ»([4]). پەرزەنت تۇغۇلغان چاغدا ئەزان توۋلاش، پاناھلاندۇرغۇچى ئايەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق پاناھلاندۇرۇلىدۇ. ئىمراننىڭ ئايالى مەريەم ئەلەيھىسسالامنى تۇغقاندا مۇنداق دەپ پاناھلاندۇرغان: [مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن]([5]). سەنەدى بايان قىلىنمىغان بىر رىۋايەتتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەننىڭ قۇلىقىغا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇدى ۋە ئۇنى خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى» دەپ كەلگەن([6]). ئومۇمەن تۇغۇلغان كۈنى بوۋاققا دۇئا قىلىش، ئۇنى پاناھلاندۇرۇش سۈننەت بولغاچقا، ئەزان توۋلاش بىلەن بىرگە ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ۋە ئايەتۇلكۇرسىنى پاناھلاندۇرۇش مەقسىتىدە بوۋاققا ئوقۇپ قويسا بولىدۇ. بۇ پاناھلاندۇرۇش بوۋاق چوڭ بولۇۋاتقاندىمۇ داۋاملىشىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار (ئىبراھىم) مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى پاناھلاندۇراتتى ›أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ‹ يەنى ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»([7]). sajiya.biz/?p=3392
@bilalistemy3214
@bilalistemy3214 2 года назад
@@Abdulaziz.Rahmetullah رەھمەت
@halidahoschawaz4664
@halidahoschawaz4664 2 года назад
ئاللاھ رازى بولسۇن سىزدىن 👍🌹🌹🌹🌹🌹
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
ئامىن، رەببىم سىزدىنمۇ رازى بولسۇن
@Sh-1933
@Sh-1933 2 года назад
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز قانداق ئەھۋالىڭىز؟ كىرونا ۋىروسى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش جەھەتتە دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى قانداق؟ ھازىر مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئۇرۇش كىرەك دەيدىغان قانۇن چىقىپتۇ. قانداق قىلىمىز؟
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ياخشى ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆزىڭىزچۇ؟ خىتتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنىڭ رەسمى كېلىنكىلىق تەكشۈرۈش ۋە سىناق باسقۇچلىرىدىن ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتىمىز يوق، شۇڭا ھازىرچە كېسىپ بىرنېمە دېيەلمەيمىز، ئەمما بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشقا ئالاقىدار پەتۋانى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز: ru-vid.com/video/%D0%B2%D0%B8%D0%B4%D0%B5%D0%BE-yIOKxo_oFT4.html
@anwaruyghur3223
@anwaruyghur3223 2 года назад
ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن، مەنپەئەتلىك قىلسۇن ئۇستاز،
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
ئامىن، رەھمەت . رەببىم ھەممىمىزنىڭ پايدىلىق ئىلمىنى زىيادە قىلغاي.
@palestineal-aqsa6289
@palestineal-aqsa6289 2 года назад
السلام عليكم ورحمة الله تعالى وبركاته. أنا عربيّ من اليمن. 🇾🇪
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
وعليكم السلام ورحمة الله وبركاته
@palestineal-aqsa6289
@palestineal-aqsa6289 2 года назад
@@Abdulaziz.Rahmetullah لماذا لا ترد!
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
@@palestineal-aqsa6289 وعليكم السلام ورحمة الله وبركاته
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
وعليكم السلام ورحمة الله وبركاته
@palestineal-aqsa6289
@palestineal-aqsa6289 2 года назад
@@Abdulaziz.Rahmetullah هل تحتاجون مساعدة يا مسلمي الإجور؟
@Minecraft_Fated1
@Minecraft_Fated1 2 года назад
ئاللاھ رازى بولسۇن
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 2 года назад
رەببىم بارلىق مۇسۇلمانلاردىن رازى بولسۇن
@iyiseyirler591
@iyiseyirler591 3 года назад
تاماق تىن كىيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرىمۇ؟
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 3 года назад
توغرا، بەزى ياشلىرىمىز نادانلىق قىلىپ، قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى «بىدئەت» دەپ تۇرۇۋالغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى([2]). ئىمام بۇخارى يەنە «رفع اليدين في الصلاة» (نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش) دېگەن كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرقانچە ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆپ ساھابىلەردىن سەھىھ رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتائالا ھايالىق ۋە سېخىدۇر، بىر كىشى ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق ياندۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ»([3]). يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەقىي قەبرىستانلىقىغا كېچىدە بارغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان([4]). يەنە شەيتانغا تاش ئاتقاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان.([5]) يەنە ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلغاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان([6]). يەنە باشقا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بار.... sajiya.biz/?p=2014