Тёмный

كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنى قانداق يۇيىمىز؟ 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 120
50% 1

ناھەق كۆيۈپ ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئومۇمەن، شېھىد دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنى يۇيۇپ - تاراشتا ئىككىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىمىز:
1. ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشتا، جەڭدە كۆيۈپ ئۆلتۈرۈلگەن شېھىدلەر.
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
ــ بەزىلەر غەنىيمەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. بەزىلەر نام - شۆھرەت دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ نەقەدەر باتۇرلۇقىنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ. زادى قايسىسى ئاللاھ يولىدا؟ ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
ــ كىم ئاللاھنىڭ كالامى ئۈستۈن بولسۇن دەپ ئۇرۇش قىلغان بولسا، شۇ ئاللاھ يولىدا، ــ دېدى.(1)
بۇ تۈرلۈك شېھىدلەر «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» ياكى «كامىل شېھىد» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، بۇلار يۇيۇپ - تارىماسلىق جەھەتتىن دۇنيادا شېھىد مۇئامىلىسى قىلىنىدىغان، ئاخىرەتتىمۇ شېھىدكە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغان شېھتىلەردۇر.(2)
«دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» دېگەن بۇ تۈرگە، كافىرلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى جەسىتى جەڭ مەيدانىدىن زەخمىلەنگەن ھالەتتە تېپىلغان ياكى مۇسۇلمانلار ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە ئۆلۈمىگە تۆلەم ۋاجىب بولمىغان، ئەقلى - ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەر كىرىدۇ. بۇ تۈرلۈك شېھىدلەر تۆت مەزھەب ۋە ئاساسەن بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، يۇيۇلمايدۇ. ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەسلەر، نارەسىدىلەر ۋە جۇنۇب ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر، ھەنەفىي مەزھەبتە يۇيۇلىدۇ.(3)
زۇلۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بۇ ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ: «قانداق بىر مۇسۇلمان بىرەر زۇلۇمغا ئۇچراپ زالىملار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلىدىكەن، چوقۇم شېھىد كېتىدۇ»؛(4) «كىمكى زۇلۇمدىن ئۆزىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر».(5)
بۇ تۈرلۈك شېھىدلەرنىڭ يۇيۇلمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بىرسى ئاللاھ يولىدا يارىلانسىلا، - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا يارىلانغانلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر - ئۇ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۇنىڭدىكى رەڭ قاننىڭ رەڭگى، پۇراق ئىپارنىڭ پۇرىقى بولغان ھالەتتە كېلىدۇ».(6)
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurki...
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=...

Опубликовано:

 

14 окт 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии : 2   
@Bs_evi_13
@Bs_evi_13 3 месяца назад
Kokrek perde yallugi kaysi kisellerdin opke kiselimu
@Abdulaziz.Rahmetullah
@Abdulaziz.Rahmetullah 3 месяца назад
كۆكرەك پەردە ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتىدە «زاتىل جەنبە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھەر سەۋەبلەر تەسىرىدىن كۆكرەكنىڭ ئەزا قەۋىتى بىلەن دىۋار قەۋىتى پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش يۆتىلىش نەپەس قىيىنلىشىش تومۇرى ھەرەچىشىسىمان سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.
Далее