كىچىكىمىزدە ئاتا بوۋىلىرىمىز، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان، 40 دانە پەرزنى جەملەپ، كىچىكىمىزدىنلا يادا ئالدۇراتتى.
تۆي-تۆكۈنلەردە، توي يۆتكىگەن ماشىنلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، يىگىتتىن 40 پەرز سوراپ، دىيەلمىسە ئۆتكىلى قويمايتتۇق.
تۇرمۇش رېتىمىمىزنىڭ تىزلىشىشى، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن، بۇ مۇھىم ئادىتىمىز ۋە ئىبادىتىمىز تاشلىنىپ قالدى، بۇ زۆرۈر بىلىملەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش مەقستىدە، ئىخچام شەكىلدە، قېرىق پەرىزنى ئىشلەپ چىقتۇق.
بۇ فىلىمنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق، بۇ ئۇنتۇلغان، گۈزەل ئادىتىمىز ۋە ئىبادىتىمىزنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشقايسىز.
ھۆرمەت بىلەن: نۇر ئېكرانى
#40_پەرىز
#قىرىق_پەرىز
#نۇر_ئېكرانى
13 фев 2019