Тёмный

ئەر- خوتۇنلارنىڭ كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 826
50% 1

ئەسلىدە ئەر كىشى يولنى كېسىپ ئۆتۈش، قىستاڭچىلىق، يولنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، بىر يەردىن چىقىپ - چۈشۈش قاتارلىق قوغداش ۋە ئاسراش مەقسەت قىلىنغان ئىشلاردا ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىش ياكى يۆلۈۋېلىشقا بىرەر ئېھتىياج تېپىلغان ئەھۋاللاردا قول تۇتۇۋېلىش چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى تېخى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، كوچىدا ئاياللارغا چاقچاق قىلىدىغان بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەر بولغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ھەقتە، ئەھلى ئىلىملىرىمىزدە باشقىچە قاراش بولۇشىمۇ ناتايىن. يۇقىرىقى قارىشىمىزنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ كۈچلەندۈرىدۇ:
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «مەن كەئبەگە كىرىپ ناماز ئوقۇشنى ياقتۇراتتىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولۇمدىن تۇتۇپ مېنى ھىجر (كەبىنىڭ يېنىدىكى پاكار تاملىق ھويلا) غا ئەكىردى ۋە: ‹ئى ئائىشە! سىزنىڭ قەۋمىڭىز كەئبەنى بىنا قىلغاندا چىقىمىغا يېتىشەلمەي، ھىجرنى كەئبەدىن چىقىرىۋەتكەن. شۇڭا، كەئبەدە ناماز ئوقۇماقچى بولسىڭىز ھىجردا ئوقۇڭ. چۈنكى، ئۇ كەئبەنىڭ بىر قىسمى› دېدى».(1)
بۇ ھەدىستىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەئبە ئەتراپىدا ھەزرىتى ئائىشەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھىجرغا ئەكىرگەنلىكى مەلۇم. بۇ، كىشىلەر كۆپ بولىدىغان، قىستاڭچىلىق بولىدىغان ئورۇنلىقى ھەممىگە مەلۇم. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ:
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تىزىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، سەفىييەنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تىزىغا پۇتىنى قويۇپ تۆگىگە مىنگەنلىكىنى كۆردۈم».(2)
خەلىفەلەردىن ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بەزى سوت ۋە نىكاھ سورۇنلىرىدا، ئەرگە: «ئايالىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئەكەتكىن» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.(3)
يۇقىرىقىلاردىن، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنىڭ ئۆزىنى كافىرلارغا خاس ئادەت دەۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

23 июн 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии : 3   
@user-zo1hq7ke3w
@user-zo1hq7ke3w 27 дней назад
Allah razi : bolsun kirindişim.
@abduganicantavlan7215
@abduganicantavlan7215 12 дней назад
👏👏👏
@payzullayusup1193
@payzullayusup1193 12 дней назад
ھارمىغايسىلەر
Далее
ПАХШИ МУСТАҚИМ №60
3:09:52
Просмотров 14 тыс.