Тёмный
No video :(

توي ئۆتكۈزۈۋاتامدۇق ياكى نەزىرمۇ؟ 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 858
50% 1

توي - مەرىكىلەرگە دائىر تۈرلۈك سوئاللار چۈشۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇلار ئىچىدە شىكايەت، نارازىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىدە سوئال تەرىقىسىدە، يەنە بەزىدە توغرىسىنى بىلىۋېلىش مەقسىتىدە سورالغان بۇ سوئاللار ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شىكايەت قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تولىسى يالغۇز سوئال سورىغۇچىلارلا ئەمەس، ئۆزۈممۇ توي - تۆكۈنلىرىمىزگە ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. تېخى يېقىندا بىر قانچە رەت تويدىن قايتىۋېتىپ مېھمانلارنىڭ «بۇ تويمۇ ياكى نەزىرمۇ؟» دېگەندەك ئاغرىنىشلىرىغا شاھىت بولدۇم. ئويلاپ قالدىم. توغرا، توي شادلىق، خۇشاللىق ئىزھار قىلىنىدىغان ئالاھىدە مەرىكەدۇر. ئاللاھ تائالامۇ توي - تۆكۈن، ھېيت - بايراملاردا خۇشاللىق، شادلىق ئىزھار قىلىشنى يولغا قويغان. بۇ سەۋەبتىن توي مەرىكەلىرىدە داپ چېلىش، لايىقىدا ناخشا توۋلاش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىس شەرىفى بىلەن سۈننەت قىلىنغان. بۇ دىنىمىزدا توي - تۆكۈننىڭ نەزىردىن، قايغۇلۇق ماتەم يىغىلىشلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانا، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىدىن، دوست - بۇرادەرلىرىدىن، ئۇستازلىرىدىن ئايرىلدى. ھەممە سەرسان بولدى. ئۇچۇر - ئالاقە ئۈزۈلدى. قايغۇ -پەرىشانچىلىق ھەممىمىزنى باستى. شاد - خۇراملىق تەنتەنىسى تېتىمايدىغان بولۇپ كەتتى. بەلكىم بۇنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك تويلىرىمىز ئاشۇنداق ماتەم - مۇسىبەت چۈمبىلى ئاستىدا قالغان بولۇشى تەبىئىي، بۇنى ھەرھالدا توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurki...
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=...
#islam #uyghur #Eastturkistan #AbdulazizRahmetullah #fetva #sajiye #Abbasabiddin #muhammed

Опубликовано:

 

5 сен 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии : 1   
@intilixintilix8235
@intilixintilix8235 Месяц назад
ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز ،رەھمەت
Далее
Как дела перцы?
00:25
Просмотров 72 тыс.
🫢 #tiktok #elsarca
00:11
Просмотров 4,4 млн
Средневековый киборг
00:39
Просмотров 534 тыс.
نامەلۇم ئالەملەر
7:31
Просмотров 127
ساعت خبر
Просмотров 379
Как дела перцы?
00:25
Просмотров 72 тыс.