Тёмный

دەمىدە قىلىش، ئىچىگە ئايەتلەر ئويۇلغان چەينەكتە سۇ ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 313
50% 1

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇرئاندىن مەلۇم مىقداردا ئوقۇپ، سۇ، قۇرۇق مېۋە - چېۋە ياكى قەنت - ناۋاتلارغا سۈفلەپ ئىچىدىغان ئىشلار بار. ھەتتا بەزى جايلاردا ئىچىگە ئايەتلەر ئويۇلغان چەينەكلەرنى ساتىدىكەن، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: بۇنداق چەينەكتە سۇ ئىچسە دەمىدە قىلىپ ئىچكەن بىلەن باراۋەر ئىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمى نېمىكىن؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
دەمىدە قىلىش: سۇ ۋە ياكى يېمەكلىككە ئوخشاش بىرەر نەرسىگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ياكى دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلەپ، دەم سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، دەمىدەدىن پايدىلانماقچى بولغان بىمار ئاشۇ نەرسىلەرنى شىپالىق دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ.
بۇ شەكىلدە دەمىدە قىلىش جائىز. تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى دەلىللىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتىمىز:
1. قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن دۇئالارنى ئوقۇپ، قولىغا سۈفلەپ بەدىنىنى سىلاش سۈننەتتۇر.
ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشى چۈش ئاللاھ تەرىپىدىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. بىرەرسىڭلار يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، ئويغانغاندا ئۈچ قېتىم سۈفلىۋەتسۇن، ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىسۇن، شۇنداق قىلسا، ئۇ چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇرۇن چۈش كۆرسەم (ئۇنىڭ يامانلىقىدىن) ماڭا تاغدىنمۇ ئېغىر كېلەتتى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن تارتىپ ئۇنداق چۈشلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدۇم».(1)
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى ياتقاندا ئىككى ئالىقىنىغا (ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر.) دېگەن سۈرىنى، (ئېيتقىنكى، سۈبھىنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.) دېگەن سۈرە بىلەن (ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.) دېگەن پاناھلىق تىلەش (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق) سۈرىلىرىنى(2) ئوقۇپ سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى ئالىقىنى بىلەن يۈزىنى، بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنى سىلايتتى». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغاندا مېنى ئۇنىڭغا ئاشۇنداق قىلىپ قويۇشقا بۇيرۇيتتى». يۇنۇس مۇنداق دېدى: «مەن ئىبنى شىھابنىڭ ياتقاندا شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن».(3)
2. ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلەپ قويغان كىشى قولى بىلەن باشقىلارنى سىلاپ قويسا بولىدۇ. لېكىن، يات ئاياللار بىلەن يات ئەرلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق داۋالاشقا بولمايدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

25 июн 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
Wait for it 😇
00:45
Просмотров 9 млн
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
Просмотров 114
Workshop | AI: A Serious Look at Big Questions (360°)
2:34:24