ھەرقانداق ئىنساندا تۇغۇلۇشىدىنلا بەدىنىنى يېپىش ئېھتىياجى ئۇلارنىڭ فىترىتىدە بولغان بولىدۇ. بۇ ئېھتىياج پەقەت ئۇلارنىڭ ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي جەھەتتىن ھەم ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈندۇر. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە سىلەر بىلەن كۈنىمىزدە گەرچە بىر قىسم مىللەتلەر ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن مەسىلە بولسىمۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاپ يا شەخسىي ئەركىنلىك چۈشەنچىسىنى تولۇق ھېس قىلىپ باقمىغان، يا دىنىنى ياخشى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرشەلمىگەن بىچارە ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە ھازىرغىچە بېسىقماي كەلگەن، پات-پات نامايىشلاردا ھىجابلىق ھەمشىرلەرنىڭ رەسىملىرى تارقالغاندا ھەممە بىردەك رادىكاللىق، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىمەي ھىجابلىق ھەدە-سىڭىللارغىلا بىر تەرەپلىمە ئىشلەيدىغان مىللىيلىك نامىدىكى ھەرخىل نىقاپلارغا ئورۇنىۋىلىپ، تىغ ئۇچىنى ھىجاپقا، ئىسلامغا قارىتىپ مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلىپ كىلىۋاتقان ھىجاپ ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.
سۆيۈملۈك ھەمشىرەم، بەزىدە ھەرخىل كەمسىتىشلەرگە ۋەياكى خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىشىڭىز مۇمكىن، شۇنى ئۇنۇتماڭكى؛ سەۋرنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىرىدىن بىرى، تائەت-ئىبادەتتىكى مۇشەققەتلەرگە سەۋر قىلىشتۇر، بۇ سەۋر سىزنى ئاللاھنىڭ دوستلىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائاللانىڭ سىزگە بەرگەن بۇ گۈزەل نېئمىتىنى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ياكى دەبدەبىلىك شۇئارلارنىڭ تارتىۋېلىشىغا يول قويماڭ. شۇنى بىلىڭكى، ھىجابىڭىز سەدەپ بولسا، سىز ئىچىدىكى مەرۋايىتتۇرسىز. ھىجاپ بىلەن سىز تېخىمۇ قىممەتلىك، تېخىمۇ بىباھادۇرسىز.
تېخمۇ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھىرلىنىش ئۈچۈن قانىلىمىزغا ئەزا بولىۋېلىڭ!
ئىلىميار قىزلار دەۋەت گۇرۇپپىسى تەييارلاپ سۇندى
ھۆرمەت بىلەن: ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى
#ئىسلام
#ئىسلام_دىنى
#دىن
#ئاياللار
#قۇرئان
#قۇرئان_كەرىم
#ھەدىس
#سۈننەت
#پەتىۋا
#پەتىۋالار
#رامىزان
#ئىلىميار
#ئەخلاق
#ياشلار
#قەلب
#پاكلاش
#ئىبادەت
#روزا
#ئۇيغۇر
#دەۋەت
#ئىسلام_ئەخلاقى
#خۇلۇق
#مەشھۇر_شەخىسلەر
#تەزكىيەتۇل_قۇلۇب
#كىشىلىك_مۇناسىۋەت
#ياشلاردا_ئىسلاھات
#تەبلىغ
#دەۋەت
#ۋەز_نەسىھەت
#نەسىھەت
#تەۋسىيە
#ئىسلام
#قەدىر_كېچىسى
#ئىمام_غەزالىي_نەسىھەتلىرى
#نىئمەت
#ھىجاپ
#قىزلار
#سەدىقە
#ilimyar
#ilimyar_yaxlar
#ramazan
#uyghur
#islam
#ilimyar
#islam_ahlaqi
#ahlak
#kadirgecesi
14 окт 2024