Тёмный

ئىبرەت ۋە تەربىيە يۈزىسىدىن پەيغەمبەر ۋە پەرىشتىلەر ھەققىدە ھېكايە توقۇش ۋە ئاڭلاش 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 72
50% 1

ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئەھكام ئېلىش، ئەمەل قىلىش، ئېتىقاد ۋە باشقا پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشتا، تەقۋادارلىق ۋە ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتە يېتەرلىكتۇر، بۇ ھەقتە باشقا بىر توقۇلما رىۋايەتلەر، يالغان قىسسەلەرگە ئېھتىياج يوقتۇر.
ئادەتتە، ۋەز - تەبلىغ، تەشۋىقات، جۈمە خۇتبىلىرى ۋە يەنە بەزى تايىنى يوق كىتابلاردىمۇ يالغان، زەئىف ھەدىسلەر، قىسسەلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلارنى بىرقانچە تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن:
1. يالغان، توقۇلما ھەدىسلەر. بۇنى ئاساسەن بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن رىۋايەت قىلىش، نەقىل قىلىش، سۆزلەش، ئەمەل قىلىش ھارام بولىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﭼﺎﭘﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺴﯘﻥ».(1)
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «يالغان ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەن ياكى يالغانلىقىنى كۆڭلى ھېس قىلغان كىشىگە ھارام بولىدۇ. شۇڭا، كىمكى بىر ھەدىسنىڭ يالغانلىقىنى بىلسە ياكى كۆڭلى يالغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنى رىۋايەت قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يالغانلىقىنى بايان قىلىپ قويمىسا، مۇشۇ تەھدىت دائىرىسى ئىچىگە كىرىدۇ».(2)
ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي ئېيتىدۇ: «بىلگىنكى، فىقھ ئالىملىرى ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ھەممىسى كىتابلىرىدا يالغان ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش، زىكىر قىلىش، نەقىل قىلىش، مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ھارام بولىدۇ، پەقەتلا ئۇنى يالغان دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ رىۋايەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەھكاملاردا بولسۇن، قىسسەلەردە بولسۇن ياكى ۋەز - نەسىھەت ۋە تەبلىغ قاتارلىقلاردا بولسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا سەل قاراش، مەيلى دەۋېتىش ھارام بولىدۇ، ئۇنى زىكىر قىلىش ۋە نەقىل قىلىشتا باشقىلارنى دوراش ھارام بولىدۇ، پەقەتلا يالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئاندىن نەقىل قىلسا مەيلى. ئەمما، زەئىف ھەدىسلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، زەئىف ھەدىسلەر ئەھكاملاردا بولمىسا مەيلى دېيىلىپ، بىرقانچە شەرت تېپىلسا قوبۇل قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بايان قىلغان».(3)
ئىمام نەۋەۋىي يەنە ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغاننى توقۇش مەسىلىسىدە، ئەھكاملاردىكى يالغانچىلىق بىلەن ھۆكۈم بولمىغان ۋەز - نەسىھەت ۋە تەبلىغ قاتارلىق مەسىلىلەردە يالغانچىلىق قىلىش ئوخشاش، بۇلارنىڭ ھەممىسى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر، چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن، قەبىھ ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھلىرىدىندۇر».(4)
بۇنداق قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا يالغاننى توقۇپ بوھتان قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغاننى توقۇغانلىقتۇر.
2. زەئىف ھەدىسلەر. زەئىف ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىش تۆۋەندىكى بىرقانچە شەرت بىلەن جائىز:
بىرىنچى: ئەقىدە ياكى ھالال - ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىش دائىرىسىدە بولماسلىق.
ئىككىنچى: ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس «شاھىد» بولۇشى ياكى بىرەر چوڭ ئاساسنىڭ دائىرىسىگە كىرىشى.
ئۈچىنچى: ئۇنى سەھىھ دەپ ئىشەنمەسلىك.
تۆتىنچى: زەئىفلىكى بەك ئېغىر بولماسلىق. ئەگەر راۋىيلىرى ئىچىدە يالغانچىلىق بىلەن قارىلىنىپ قالغانلار ياكى ئېغىر خاتالىق بىلەن رىۋايەت قىلىدىغانلار بولسا، بۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

3 июл 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее