Тёмный

مېيىتكە ئىخلاس توپىسى دەمىدە قىلىش 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 61
50% 1

ئاللاھ تائالا: ﴿ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپات - جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، ئۇ ئۇتقان بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئالدىنىدىغان كىشى ئالىدىغان نەرسىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 185)، ﴿ئۇنىڭ (زېمىننىڭ) ئۈستىدىكى ھەممە يوقالغۇچىدۇر ﴾(3/«راھمان»: 26) دېگەن.
مۇجاھىد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «دۇنيادا سەن گويا غېرىبتەك ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلغىنىڭدا تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا كەچنى كۈتمىگىن. ساغلام ۋاقتىڭنى بىتاپ ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن، ھايات ۋاقتىڭنى مامات ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن».(1)
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دۇنيا ئارقىنى قىلىپ كەتتى، ئاخىرەت ئالدىنى قىلىپ كەلدى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئېسىلىدىغان بالىلىرى باردۇر، سىلەر ئاخىرەتنىڭ بالىلىرىدىن بولۇڭلاركى، دۇنيانىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ قالماڭلار، چۈنكى بۈگۈن ئىش بار، ھېساب يوق. ئەتە ھېساب بار، ئىش يوق» دېگەن.(2)
ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ھەربىر ئادەم بالىسى ئۆمرى ھەرقانچە ئۇزىرىغان تەقدىردىمۇ ھامان بىر كۈن ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇڭا، ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ھايات چېغىدا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىنىڭ غېمىدە بولۇش زۆرۈر.
بىر كىشى سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا تۇرۇپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دەپ تەلقىن قىلىپ(3) تۇرۇش ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەكراتتىكى ئادەمگە: «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى تەلقىن قىلىڭلار».(4)
جېنى چىقىپ كەتسە كۆزىنى يۇمۇپ، ئېڭىكىنى تېڭىپ، ئۇنىڭغا مەغپىرەت، رەھمەت قاتارلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلىش، ئاندىن يۇيۇپ - تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، تېزرەك يەرلىكىدە قويۇۋېتىش لازىم.
نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈر.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

5 июл 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
Wait for it 😇
00:45
Просмотров 9 млн
موجودی به نام شیطان وجود ندارد
14:42
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
Просмотров 114
Wait for it 😇
00:45
Просмотров 9 млн