Тёмный

تاكسىدا يات ئايالنى يالغۇز توشۇشنىڭ ھۆكمى 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 273
50% 1

سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن مەھرىمى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا خالىي يەردە بىللە بولمىسۇن» دېگەن ئىدى، بىر كىشى:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئايالىم ھەجگە چىقماقچى بولدى، مەن مۇنداق - مۇنداق غازاتلارغا چىقىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
قايتىپ بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىل، ــ دېدى.(1)
يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن خالىي يەردە بىللە تۇرمىسۇن، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى چوقۇم شەيتان بولىدۇ» دېگەن. بىر كىشى:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن مۇنداق - مۇنداق غازاتلارغا چىقىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى بولدى، ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
ــ بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىل، ــ دېدى.(2)
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرلىرىدا ئاقىدۇ» دېگەن.(3)
ھەدىسلەردىكى «خالىي يەردە بولۇش» ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن ئۇلارنى بىركىم كۆرمەيدىغان يەردە يالغۇز تۇرۇشىدۇر.(4)
ئەھلى ئىلىملەرمۇ ئەر كىشىنىڭ يات بىر ئايال بىلەن خالىي يەردە تۇرۇشىنى ھارام دەپ ئىجماﺋ قىلىپ چەكلىگەن. ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ھەدىس شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «يات ئايال يات ئەر بىلەن خالىي بولغان ئەھۋالدا، ئۇلار بىلەن ئۈچىنچى بىرەيلەن بولمىسا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر. شۇنداقلا، ئۇ ئىككىيلەن بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن ھايا قىلىنمايدىغان ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلار ۋە شۇلارغا ئوخشىغانلار بولسىمۇ بەرىبىر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بىللە بولۇشى يوقنىڭ ئورنىدا. شۇنداقلا بىر نەچچە ئەر كىشى يات بىر ئايال بىلەن خالىي جەم بولسىمۇ ھارام بولىدۇ. ئەمما، بىر ئەر يات بىرقانچە ئايال بىلەن خالىي جەم بولسا، توغرا قاراشتا جائىز بولىدۇ».(5)
ئەللامە شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، شۇنداقلا بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بىر بۆلەك ئالىملار ئايال كىشىنىڭ يالغۇز ھالەتتە يات شوپۇر بىلەن بىر ماشىنىغا چىقىشىنى ھارام دەپ قارىغان ۋە سىرتىدىكىلەر تاكسىنىڭ ئىچىنى ئېنىق كۆرىدىغان بولسا ياكى شەھەر ئىچى كوچىلىرىدا ماڭسا رۇخسەت دەپ قەيت قىلمىغان. چۈنكى، بۇ ئالىملارنىڭ قارىشىدا يالغۇز ئايالنىڭ يات شوپۇر بىلەن ماشىنىدا خالىي ئولتۇرۇشىدىن ھەدىستە چەكلەنگەن خىلۋەت جايدا نامەھرەم بىلەن ئولتۇرۇش شەكىللىنىدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

7 июл 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии : 2   
@payzullayusup1193
@payzullayusup1193 13 дней назад
👍👍 ھارمىغايسىلە
@kahramanozturk5073
@kahramanozturk5073 6 дней назад
videoda bixi uquk hutun kixla bakan hapommay uqurwatsagla boptikan
Далее
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
Просмотров 114
ساندۇقتا ساقلانغان قۇرئان
4:02