Тёмный

نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىقكى « رابىتە » نىڭ ھۆكمى 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 124
50% 1

رىشتە ياكى ئالاقە، ياكى مۇناسىۋەت مەنىسىدىكى «رابىتە» ياكى يۈزلىنىش مەنىسىدىكى «تەۋەججۇھ» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىبادەت ئۇسۇلى شەرىئەت كۆرسەتمىگەن، بىدئەت ئۇسۇللارنىڭ بىرى.
ئىمام رەشىد رىزا «مەنار»دا «تەۋەججۇھ» بىلەن «رابىتە» ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يوللۇق ئىبادەتلىكىگە دەلىل يوقلۇقىنى، ئۇنى ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار شېرىككە بېرىپ قالىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: «سۆزنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ‹تەۋەججۇھ› ياكى ‹رابىتە› ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن ئەمەس. ئۇنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگىمۇ دەلىل يوق. ئۇنى ئۆز ئالدىغا يوللۇق بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ: ﴿ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟﴾(42/«شۇرا»: 21)
شۇنىڭدەك، بۇ يەنە ئاللاھنىڭ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئاساس - ئۇللىرى بايان قىلىنغان مۇنۇ سۆزى قاتارىغىمۇ كىرىپ قالىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم پەقەتلا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى.»﴾(7/«ئەئراف»: 33)
ئىمام رەشىد رىزا يەنە: تەسەۋۋۇف ئىماملىرى ۋە كاتتىلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى دىندىن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى پەقەت بەزىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىر ۋەسىلىسى سۈپىتىدە قاراپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ناۋادا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىكى ۋە باشقا تەرىقەتلەردىكى مۇقەللىد(2) ئاۋاملار بۇ ئىشلارنى ئېنىق بىلىدىغانلارنىڭ مەقسىتىنى بىلمەستىن بۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئېسىلىۋېلىپ قالسا ئازغۇنلۇققا ۋە ئېنىق يا يوشۇرۇن شىرككە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىن پىرلەر، ۋەلىيلەر، ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدىمۇ پايدا - زىيان يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «رابىتە» گېپىنى قىلغان بەزى سالىھلارغا قارىتا يامان ئويدا بولماي، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دىندا ھۆججەت ئەمەسلىكىنى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا ياتىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شەرىئەتتە ئۇنىڭ دىندا تەلەپ قىلىنغان بىر ئىبادەتلىكىگە دەلىل بولغان بولسا ئىدى، ئۇ دىننىڭ جەۋھىرى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنى تونۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، ساھابە ۋە تابىئىنلار ئۇقماي قالماس ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنىڭغا بۇيرۇغان، ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇتەۋاتىر(3) شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان بولاتتى».
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

2 июл 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
ЧУТЬ НЕ УТОНУЛ #shorts
00:27
Просмотров 6 млн
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
Просмотров 114