Тёмный

جىن چاپلىشىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 241
50% 1

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەن قىزىغا جىن چاپلىشىۋالغان ئىكەن، كۆپ سەۋەبلەرنى قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمىغان، بەك قىينىلىپ كەتكەچكە «قانداق قىلسام بۇلار؟» دەيدۇ. خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەربىرلىرىدىن سوراپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم. يول كۆرسەتكەن بولساڭلار!؟ ئاللاھ كاتتا ئەجىر بەرسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم: ئۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقى قانداق ئىسپاتلاندى؟ ئەمەلىيەتتە، بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاغرىپ قېلىپ جىن چاپلىشىۋالمىغان بولسىمۇ، جىن چاپلىشىۋاپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان ئەھۋال جەمئىيىتىمىزدە كۆپ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنى دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم. كۆپىنچە، پسىخىك نورمالسىزلىقى بولۇشىمۇ ياكى سېھىرلەنگەن بولۇشىمۇ، ياكى كۆز تەگكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
جىنلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلغانلىقى، جىنلارنىڭ ئىنسانلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ جىنلارنى ھەقىقىي سۈرىتىدە كۆرەلمەيدىغانلىقى …قاتارلىق ھەقىقەتلەر قۇرئان ۋە ھەدىستە ئىسپاتلانغان بولغاچقا، يۇقىرىقىلارغا ئىمان ئېيتىش ۋاجىب.
جىن ئىنسانغا چاپلىشىۋالامدۇ؟
چاپلىشىۋېلىش: چېپىلماق، يېپىشىۋالماق بولۇپ، بۇ جىن بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بېرىپ تاقىلىدۇ. جىن ئىنسان بەدىنىگە كىرەلەمدۇ؟ جىن ئىنساننىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەمدۇ؟ ئۇنىڭغا گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلدۇرالامدۇ؟ يىغىپ ئېيتساق، جىن ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى كونترول قىلىۋالالامدۇ ياكى ئىنسان دىلىغا ۋەسۋەسە سېلىشتىن باشقىنى قىلالمامدۇ؟
بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا: شەيتان ئىنسان كۆڭلىگە يوشۇرۇن ۋەسۋەسە قىلالايدۇ. بۇ ۋەسۋەسەنىڭ زىيىنىدىن ھەقىقىي مۇئمىنلەرلا ساقلىنالايدۇ. باشقىلار بولسا ۋەسۋەسەگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىگىن. ئۇ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ. شەيتانلار بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، بوشىشىپ قالمايدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 200 - 202) دېگەن.
ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى جىن ئىنسانغا چاپلىشىۋالىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۆتەزىلىلەر بىلەن ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى، جىن چاپلىشىۋېلىشنى ئىنكار قىلىدۇ. يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ، شەيخ مەراغىي، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي، شەيخ شەئراۋىي ۋە شەيخ قەرەداۋىي قاتارلىق ئالىملارمۇ جىن چاپلىشىۋېلىشنى ئىنكار قىلىدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

26 июн 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
Tom🍓Jerry 😂 #shorts #achayanarmyfamily
00:14
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
Просмотров 114
ۋەسۋەسە ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى
4:17