Тёмный

. دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاشنىڭ ھۆكمى 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 176
50% 1

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش ھەققىدە ھەرخىل گەپلەر بولىۋاتىدۇ… بەزىلەر سۈننەت دىسە، بەزىلەر بىدئەت دەۋاتىدۇ… بۇنىڭ ئەڭ توغرا يولى قايسى؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
دۇئادا قول كۆتۈرۈش، دۇئانىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى قاتارىدىكى سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئىشلاردىن بولۇپ، دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەردىندۇر.
1. قاراش: دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش چەكلىنىدۇ. بۇ قاراشتىكى ئۆلىمالارغا ئىمام سۇفيان سەۋرىي، ئىززىددىن ئابدۇسسالام، ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى بىر قاراشتۇر. بۇلار بۇ چەكلەشنى يولغا قويۇلمىغان ئىبادەت، مەكروھ، بىدئەت دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن.
ئىمام ئىززۇددىن ئابدۇسسالام: «دۇئادىن كېيىن پەقەت نادان كىشىلا يۈزىنى سىلايدۇ» دېگەن.(1)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئادا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن، ئەمما يۈزىنى قوللىرى بىلەن سۈرتۈشى ھەققىدە دەلىل بولالمايدىغان بىر ياكى ئىككى ھەدىستىن باشقا ھەدىس يوقتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم» دېگەن.(2)
«سەئۇدى ئەرەبىستان پەتۋا كومىتېتى»مۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «دۇئا دېگەن يولغا قويۇلغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئالقانلار بىلەن يۈزىنى سىلاش توغرىسىدا يا ئاغزاكى، يا ئەمەلىي سۈننەت ئىسپاتلانمىغان، بەلكى زەئىف يوللاردىن رىۋايەتلەر كەلگەن. شۇڭلاشقا دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىلاش يولغا قويۇلمىغاندۇر».(3)
2. قاراش. بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس بولمىسىمۇ، زەئىف ھەدىسلەردىن بىرنەچچىسى كەلگەن ۋە بۇ ھەدىسلەر بىرى - بىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، ھەسەن دەرىجىسىگە يېتىدۇ. نەتىجىدە، دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش سۈننەت ياكى مۇستەھەب بولىدۇ. بۇ تۆت مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراش بولۇپ، مەشھۇر ھەدىسشۇناس ۋە فەقىھلەردىن ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، بەيھەقىي، نەۋەۋىي، ئىمام ئىبنى ھەجەر، سۇيۇتىي، سەنئانىي ۋە شەۋكانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەتتە يۈزىنى سىلىغانلىقى كەلگەن.(4)
يۈزنى سىلاش بىلەن دۇئانىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت يەنە مۇنداقمۇ تەھلىل قىلىنغان: ئاللاھ تائالا دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قولنى قۇرۇق قايتۇرمايدىغان بولغاچقا، دۇئادىن كېيىن قوللارغا رەھمەت چۈشكەن بولىدۇ. ئۇ رەھمەتنى بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىنىدىغىنى ۋە ئەڭ ئىززەتلىكى بولغان يۈزگە سۈرۈش مۇناسىپ كېلىدۇ. دېمەك، دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىلاش ئىككى ئالقىنى ياخشىلىق بىلەن لىق تولغان ۋە ئۇنى يۈزىگە قۇيغاندىن ئىبارەت ئۈمىدۋارلىق ۋە بېشارەت ئېلىشنى ئىپادىلەيدىغان ئىشتۇر. بۇ ۋەجىدىن يۈزنى سىلاش دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھالىتىگە ماس كېلىدۇ
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

24 июн 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
ئۇيغۇرچە مىكرو فىلىم |uyghur
5:33
Просмотров 10 тыс.
ۋەسىلە قىلىش ھەققىدە
12:38