Тёмный

تاراۋىھ ئارلىقىدا ئوقۇيدىغان تەسبىھ ھۆكمى 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ پەتۋالىرى
Просмотров 73
50% 1

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تاراۋىھ نامىزى ھەر تۆت رەكئەتتە بىر ئارام ئېلىپ ئوقۇلىدۇ. «تاراۋىھ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ ئارام ئېلىشتىن كەلگەن. بۇنداق ئارام ئېلىش مۇستەھەب ئىشتۇر. بۇ ئارىلىقتا تەسبىھ ئېيتسىمۇ، يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇسىمۇ، قۇرئان ئوقۇسىمۇ، جىم ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ، چاي - پاي ئىچىپ دەم ئالسىمۇ بولىدۇ، ۋەز - نەسىھەت قىلسىمۇ، بىرەر كىتابتىن جامائەتكە ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسجىدى ھەرەمدە بولسا، كەئبەنى تاۋاب قىلسىمۇ بولىدۇ.
سىز دېگەن تەسبىھ ئېيتىش ئۇسۇلىنى تۆت رەكئەت تاراۋىھتىن كېيىن ئوقۇش سۈننەت دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقى بىزگە يېتىپ كەلمىگەن، لېكىن ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن شۇنداق تەسبىھ ئېيتىش توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىر نامىزىدا «سەببىھىسمە رەببىكەل ئەئلە» ۋە «قۇل يا ئەييۇھەل كافىرون» ۋە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد»نى ئوقۇيتتى، سالام بەرگەندىن كېيىن: «سۈبھەنەل مەلىكۇل قۇددۇس» دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى، ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازىنى سوزۇپ دەيتتى.(^[1])
يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «ئۈچىنچى قېتىمدا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سوزىدۇ» دەپ كەلگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھ» دېگەن ئىبارە زىيادە كەلگەن.(2)
يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ ۋە سەجدىدە: «سۈببۇھۇن قۇددۇس رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھ» دەيتتى.(3)
بۇ ھەدىس يۇقىرىقى ھالەتلەردە مۇشۇنداق تەسبىھ ئېيتىشنىڭ سۈننەت، مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905511745625
chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8Zc...
chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2D...
chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIok...
chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd5...
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurkistans
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1443 / م. 2022
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=8475&uls=uu

Опубликовано:

 

30 июн 2024

Поделиться:

Ссылка:

Скачать:

Готовим ссылку...

Добавить в:

Мой плейлист
Посмотреть позже
Комментарии    
Далее
I studied Islam for 1 month. And I lost all my hair.
10:31
skibidi toilet 76 (part 2)
04:28
Просмотров 15 млн
تور سودىسىنىڭ ھۆكمى
15:12
Просмотров 114
Allahu Ya' Lamu Nasheed Repeated || Arabic nasheed
14:07